پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

كىتاب ئوقۇش تارىخى ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتە يېتىلى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-02-21 19:24 مەنبەسى: رادىئو تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
مەنىۋىيەتنىڭ يېتىلىش جەريانى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىشنى سېلىشتۇرساق، جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئىرسىيەت ۋە گېننىڭ تەسىر
تەلەي +1

كىتاب ئوقۇش تارىخى ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتە يېتىلىش تارىخىدۇر

 

كىتاب ئوقۇش تارىخى ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتە يېتىلىش تارىخىدۇر
 

 

ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتى قانداق يېتىلىدۇ؟ كىشىلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش مۇساپىسى قانداق بولىدۇ؟ مەنىۋىيەتنىڭ يېتىلىش جەريانى بىلەن جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىشنى سېلىشتۇرساق، جىسمانىي جەھەتتىكى يېتىلىش ئىرسىيەت ۋە گېننىڭ تەسىرىدىن بولىدۇ، ئەمما شەخسلەر مەنىۋىيىتى گېن ياكى ئىرسىيەت بىلەن ئەمەس، بەلكى كىتاب ئوقۇش بىلەن يېتىلىدۇ.

شەخسلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانى پۈتكۈل ئىنسانلار مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش جەريانىنىڭ كارتىنىسىدۇر. ھەر بىر كىشىنىڭ مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىش مۇساپىسىدە ئەجدادلارنىڭ كەچمىش جەريانى تەكرارلىنىدۇ. بۇنداق تەكرارلىنىش كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ئىشقا ئاشىدۇ.

ئىنسانلار تارىخىدا نۇرغۇن مەنىۋى ئابىدە تىكلەنگەن، بۇنداق مەنىۋى يۈكسەكلىككە يېتىش ياكى ئۇنىڭدىن ھالقىشنىڭ بىردىنبىر يولى كىتاب ئوقۇش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈشتۇر. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئىلگىرى ئۆتكەن دانىشمەنلەر بىلەن پىكىرلەشكىلى، ئۇلارنىڭ شۇ دەۋرىدىكى مەنىۋى يۈكسەكلىكىگە يەتكىلى بولىدۇ؛ كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىدىكى پىر ئۇستازلار بىلەن پىكىرلەشكىلى، ئاندىن ئۇلارنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىدىيە مەنزىلىگە يەتكىلى بولىدۇ.

ئىنسانلارنىڭ مەنىۋى يۈكسىلىش باسقۇچى مانا مۇشۇنداق تەكرار كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق داۋاملىشىدۇ. ئەگەر بۇنداق تەكرارلىنىش بولمىسا، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيىتى چېكىنىدۇ، خارابلىشىدۇ. كىتاب ئوقۇش بولمىسا، بىر ئەۋلاد كىشىلىرىمىزنىڭ مەنىۋى مەنزىلى ئەدەبىيات - سەنئەتنىڭ قايتا گۈللىنىش دەۋرىگە يەتمىگەن بولاتتى.

ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىدىيەسى كىتابلاردا ئەكس ئېتىدۇ. گەرچە ئېلىمىزدە ھازىر توردا كىتاب ئوقۇۋاتقانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئىدىيەسى يەنىلا تور سىرتىدا دەپ قارايمەن. توردا كىشىنى جەلپ قىلىدىغىنى ئۇچۇر، ئېلان ۋە كۆڭۈل ئېچىش مەزمۇنىدىكى نەرسىلەردۇر، ئىنسانلارنىڭ چۈشىنىشى، بولۇپمۇ ئىنسانلارنىڭ ئەقلىي كۆزىتىش ئىقتىدارى تور ئارقىلىق ئىشقا ئاشمايدۇ. كىشىلەر ئىدىيەسىنىڭ تەرەققىياتى ئۇچۇردىن بىلىمگىچە بولغان ئەقىل - پاراسەت ئىگىلەش جەريانىدۇر، ئۇ مەنىۋىيەت بىلەن ئەقلىي ئىقتىدارنىڭ تەدرىجىي يۈكسىلىش، تەرەققىي قىلىش جەريانىدۇر. پەقەت كىتاب ئوقۇش ئارقىلىقلا، ھەر بىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى قەدەممۇ قەدەم ئۆرلەيدۇ. ھەر بىرىمىزنىڭ ئەقىل - پاراسىتى مۇجەسسەملەنگەندە، ئاندىن دەۋرىمىزنىڭ مەنىۋى يۈكسەكلىكى نامايان بولىدۇ.

كىتاب ئوقۇش بولمىسا قەلب يېتىلمەيدۇ، شەخسلەرنىڭ مەنىۋىيىتى مۇكەممەل تەرەققىي قىلمايدۇ. كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق رەڭگىروھىمىزنى ئۆزگەرتەلىشىمىز ناتايىن، ئەمما ساپايىمىزنى ئۆستۈرەلەيمىز. بەزىلەرنىڭ تەقى - تۇرقى، رەڭگىروھى ئادەتتىكىچە بولسىمۇ، ئەمما ئۇلار بىلەن پاراڭلىشىپ قالسىڭىز، ئون يىل كىتاب ئوقۇغاندەك تۇيغۇغا كېلىسىز. ئادەمنىڭ چىراي تۇرقى ئۇنىڭ گېنىدا بولغانلىقى ئۈچۈن ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ، ئەمما، ئادەمنىڭ مەنىۋىيىتىنى كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق رەڭگارەڭ تۈسكە كىرگۈزگىلى بولىدۇ.

بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق ھاياتىمىزنى ئۇزارتالمايمىز، ئەمما، ھاياتىمىزنىڭ مەنىسىنى بېيىتالايمىز. كىشىلەرنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن - قىسقىلىقىدا گېن قاتارلىق ئامىللار ھەل قىلغۇچ رول ئوينىشى مۇمكىن، ئەمما، كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق بىز مەنىۋى دۇنيارىمىزنى تېخىمۇ بېيىتالايمىز.

بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، چەكلىك ھاياتىمىزدا چەكسىز گۈزەل مەنزىرىلەرنى تاماشا قىلىپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن لەززەتلىنەلەيمىز.

بىز كىتاب ئوقۇش ئارقىلىق، غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرالماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما، كىتاب ئوقۇش كىشىلىك غايىمىزگە يېقىنلىشىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ. كىتاب ئوقۇش شەخسلەر مەنىۋىيىتىنىڭ يېتىلىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] كىتاب ئوقۇش تارىخى ئادەمنىڭ مەنىۋى جەھەتتە يېتىلى [ 2012-02-21 19:24:00 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] بالىنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ئۇسۇلى — ئويۇن ئويناش [ 2012-02-21 19:21:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] تىل مەدەنىيىتى ۋە سۆزلىشىش ئادەتلىرىمىز [ 2012-02-21 19:19:49 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى كىشى ئىسىملىرى ۋە نۆۋەتتىكى كىشى [ 2012-02-21 19:17:41 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئەينى يىللاردا ئۇيغۇرلاردا كىتاپپۇرۇشلۇق [ 2012-02-07 23:05:28 ]
[تارىخى بىلىملەر] ھەيۋەتلىك ۋە يىگانە تارىم [ 2012-02-07 23:01:13 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماۋزېدوڭنىڭ ئون بالىسى [ 2012-02-07 23:00:07 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ش ئۇ ئا ر پارتىكوم 8- نۆۋەتلىك قۇرۇلتاينىڭ روھىدىن ق [ 2012-02-07 22:58:19 ]
[تارىخى بىلىملەر] 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك [ 2012-02-07 22:56:43 ]
[تارىخى بىلىملەر] جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىمە ئۈچۈن قەرز بۇلۇپ قالغ [ 2012-02-07 22:54:07 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر