![]() |
![]() |
ئاۋات يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 2011-2012-ئوقۇش يىلى پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ 2-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى 阿瓦提乡中心小学2012 -2011学年少先队第二学期工作计划 ئاۋات يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ 阿瓦提乡中心小学 2012.1. 22 ئاۋات يىزا مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپ 2011-2012-ئوقۇش يىلى پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ 2-ماۋسۇملۇق خىزمەت پىلانى پىلاننىڭ يىتەكچى ئىددىيىسى: "دىڭشىياۋپىڭ نەزىرىيسى"،"ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش مۇھىم ئىددىيىسى"،جەمئىيەت شەرەپ- نۇمۇس قارىشى،دۆلەتنىڭ مائارىپ فاڭجىنى،پارتىيىنىڭ ھەر تۈرلۈك فاڭجىن،سىياسەتلىرى قاتارلىق مەزمۇنلارنى يىتەكچى ئىدىيە قىلىپ،مەكتەپنىڭ ئوقۇ –ئوقۇتۇش خىزمىتى ۋە ئىدىيە –ئەخلاق قۇرلىشىنى كۈچەيتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت. پىلاننىڭ مەخسىدى: مەكتىۋىمىزدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلارنى ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ،ئۆز-ئارا ياردەملىشىدىغان،پارتىيىنىڭ سۆزىنى ئاڭلايدىغان ،ۋەتەننى ،خەلىقنى ،ئەمگەكنى ،ئىلىم-پەننى قىزغىن سۆيىدىغان تىرىشىپ ئۆگىنىپ ئومۇمنىڭ مال-مۈلىكىنى ئاسىراپ ،چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان ئىدىيىنى سىڭدۈرۈپ،دۆلىتىمىزنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىيلاشقان دۆلەت قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزكۈچىنى تەقدىم قىلىشقادائىم تەييار تۇرىدىغان قىلىپ تەربىيلەش،ھەم دائىملىق تەربىيە پائالىيەتلىرى ، مول مەزمۇنلۇق پىئونېرلار پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بىرىش ئارقىلىق ،پىئونېرلاردا كىچىكىدىن باشلاپ،ئۇلۇغۋار غايە تىكلەپ،ياخشى ئىدىيە –ئەخلاق يېتىلدۈرۈپ ،ياخشى قابىلىيەتنى يىتىلدۈرۈپ،بەدەن چېنىقتۇرۇپ،ساغلام ئۆسۈپ يىتىلىپ ،جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئۇلۇغۋار گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ھەر ۋاقىت تەييار تۇرىدىغان،غايىلىك ،ئەخلاقلىق،مەدەنىيەتلىك ،ئىنتىزامچان بولغان كوممۇنىزىم ئىشلىرىنىڭ قۇرغۇچىللىرى ۋە ئىزباسارلىرى قىلىپ يىتىشتۈرۈپ چىقىش ،ئەخلاقىي ،ئەقلىي ،جىسمانىي ،گۈزەللىك جەھەتلەردە ئەتىراپلىق يىتىلگەن ،ۋەتەننى سۆيۈپ،ئۇلۇغۋار غايە تىكلىگەن ياخشى ئۆسمۈر، تىرىشىپ ياخشى ئۆگىنىپ ،يۇقۇرى ئۆرلەيدىغان ياخشى ئۆسمۇر،پەزىلىتى ئىسىل،ئىتتىپاقلىشىپ ،دوستانە ئۆتىدىغان ياخشى ئۆسمۈر،تېنى ساغلام ،جۇشقۇن،ئوچۇق -يورۇق ياخشى ئۆسمۈربولۇپ چىقىشقاتىرىشىدىغان قىلىپ يىتىشتۈرۈشتىن ئىبارەت. بۇمەۋسۇمدىكى كونكىرىتنى خىزمەت مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە: 1.پىلان تۈزۈش جەھەتتە: بۇمەۋسۇملۇق پىئونېرلار چوڭ ئەترىتىنىڭ خىزمەت پىلانىنى تۈزۈش،ئەترەتكە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش،ئەترەتنىڭ سايلاش،مۇكاپاتلاش،جازالاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەيمىز. 2.تەشكىلات قۇرلۇشى جەھەتتە: پۈتكۈل مەكتەپ بويىنچە پىئونېرلار چوڭ ،ئوتتۇرا،كىچىك ئەترتىنى قۇرۇش(تەشكىللەش)،ئەترەت تەربىيىچىسىنى تەربىيىچىلىككەتەكلىپ قىلىش،ئەترەت نىزامنامىسىدىكى تەلەپلەر بويىنچەھەرقايسى يىللىقلار ئەترەت كومتىتى قۇرۇش،بەلگىلىك ۋاقىت ئىچىدە دىمكۇراتىك سايلام ئاساسىدا،ئەترەت ھەيئەت ئەزالىرىنى ئۆزگەرتىپ سايلاش ۋەئەترەتنىڭ مۇناسىپ ماتىرىياللىرىنى ياخشى يىغىپ ساقلايمىز . 3.پائالىيەت قانات يايدۇرۇش جەھەتتە: ئەتىرەت پائالىيىتىنىڭ پىرىنسىپلىرى(ئومۇمىي خاراكتىرلېك،تەربىيە خاراكتېرلىك،ئەمەلىيەت خاراكتېرلىك،قىزىقارلىق خاراكتېرلىك) غا ئاساسەن ئەتىرەت پائالىيىتىنى مەخسەتلىك،پىلانلىق ھالدا"قىزىل گالىستۇكلارنىڭ قەلبى پارتىيىگە تەلپۈنىدۇ."تىمىسىدىكى ئالتە بىر پائالىيەتنى قانات يايدۇرۇپ،بۇ ماۋسۇمدا بىر ياكى ئىككى قىتىملىق مەزمۇنى مول،رەڭدار،شەكلى جانلىق چوڭ ئەتىرەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ،ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەر پىلان بويىنچە ئوتتۇراۋەكىچىك ئەترەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىنى تەكشۇرۇپ،مەكتەپ كۈتۈپخانىسىغا ماسلىشىپ،ھەر قايسىسىنىپلاردا،"قىزىل گالىستۇكلار كىتاپ ئوقۇش" پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا يىتەكچىلىك قىلىندۇ. 4.يىڭى ساھە ئىچىش جەھەتتە: مەكتەپنىڭ تەربىيە پائالىيىتىگەۋە مەدەنىي ھەركەت ئادىتىنى يىتىلدۈرۈش تەربىيىسىگە ماسلىشىپ،چوڭ ئەترەت تام گېزىتى،ئەترەت كۆزگەرمە كۆزنىكى،قىزىل گالىستۇكلۇقلار رادىئو ئىستانسى،رادىئوئىستانسىنىڭ تەشۋىقات ساھەسىنى كىڭەيتىپ،ئۇلارنىڭ تەربىيىۋىي رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ،ئەترەتنىڭ تەشۋىقات تەربىيىسى پائالىيىتىنى ئۇنۇملۇك قانات يايدۇرىمىز. 5.ئۆز-ئارا ماسلىشىپ ئورتاق بەرپا قىلىش جەھەتتە: مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيە بازىلىرىنىڭ ئەمىلىيەتچانلىق رولىنى تولۇق جارىي قىلدۇرۇپ،مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيىچىلەر بىلەن دائىملىق ئالاقىنى ساقلاپ،مەكتەپ سىرتىدىكى پايدىلىق ئامىللارنى ھەركەتكە كەلتۈرۈپ ،مەدەنىي مەكتەپنى ئورتاق قۇرۇپ،"تۆتكە ئىگە "،"تۆتتە ياخشى" ئۆسمۈر ئىزباسارلارنى تەربىيلەپ چىقىمىز. 6.خىزمەتلەرگە يىتەكچىلىك قىلىش جەھەتتە: قەرەرلىك ھالدا تەربىيىچىلەر يىغىنى ئىچىپ ،ئەترەتنىڭ خىزمەت تەجىربىللىرىنى ئۆگىنىش،خىزمەتلەرنى تەتقىق قىلىش،ئوتتۇرا ئەترەتنىڭ پائالىيەتلىرىگە يىتەكچىلىك قىلىپ،ھەر ماۋسۇمدا 6-8 قىتىمغىچە ئوتتۇرا ئەترەت پائالىيىتىگەتەشكىللەيمىز. 7.تەجىربىلەرنى يەكۈنلەش جەھەتتە: ئەترەت نەزىرىيىسى بىلىملىرىنى تىرشىپ ئۆگىنىپ ، ھەرقايسى ئوتتۇرا ئەترەتلەرنىڭ تەجىربىللىرىنى بايقىشىغا ۋە خۇلاسىلىشىگە،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىشىغا ياردەم بىرىمىز ،شۇنداقلا ئوقۇتۇش ۋە ئەخلاقىي تەربىيە خىزمىتى قۇرلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،پىئونېرلار ئەترىتىنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تىرشىچانلىق كۆرسىتىمىز . ئاۋات مەركىزىي مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەترىتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى
ئاۋات مەركىزىي مەكتەپ پىئونېرلار چوڭ ئەترىتى 2012-يىلى 1-ئاينىڭ 22-كۈنى تەھىرلىگۇچى:يانتاق
| |||||||||||||||||||||||||




