![]() |
![]() |
(مىكرو ھېكايە)
مەكتەپ مۇدىرىمىز ئۈرۈمچىگە ئۈچ ئايلىق ئۆگۈنۈشكە كەتتى، ئۇنىڭ ئورنىغا ياۋاش، خىزمەتتە ئەستايىدىل مۇراتنى مەسئول قىلىپ قويغان ئىدى. - ھە نىمە بولدى؟ ئەجەپ كۆرمىگەندەك قاراپلا كەتتىڭا؟ چىقمامسەن، ئىشخانىغا چىقىپ،.ئىشىڭنى قىلمامسەن؟ - بۇ يەردە ئولتۇرسام نىمە بۇپتۇ؟ ئىشخانىغا كىرىشىم بىلەنلا ھەيران قالدىم. - بولدى، ھەممىڭلار ئۆز ئىشىڭلارنى قىلىڭلار - دېدى مۇرات ئەتىراپىغا ھۆرپىيىپ تۇرۇپ. - توۋا، بىز دائىم بوش ۋقىتلاردا باشقا ئىشخانىلارغا كىرىپ ئاز - تولا پاراڭلىشىپ تۇراتتىققۇ؟ ئەجىبا...- بولدى، بولدى، گەپنى ئاز قىلىڭلار - دىدى مۇرات. مۇرات بۈگۈن ئالاھىدە ياسىنىۋالغان بۇلۇپ، خۇددى ھازىرلا تويغا باردىغاندەك، چاچلىرىنى مايلاپ پارقىرتىۋالغان، كاستوم بۇرۇلكا كىيىپ قىتىۋالغان ئىدى. - توۋا، توۋا، جاھاننىڭ ئىشلىرى نمە بۇلۇپ كەتتى؟ <ياۋاشنىڭ مۈڭگۈزى قولتۇقىدا> دىگەندەك بۇ ئاداش خۇددى خورازدەك بۇلۇپ كىتىپتىغۇ؟ دىدى ئالىم زەردە بىلەن.
- يولداشلار سەۋرى قىلىڭلار، يەنە نىمە ئىشلار يۈز بېرىدۇ، خۇدايىم ئۆزى بىلىدۇ، - دىدى. ئابلەت بېشىنى چايقاپ. مۇرات بۈگۈندىن باشلاپ، ئالاھىدە بىر ئادەمگە ئايلانغان ئىدى. بىزنىڭ ئىلگىركى تۈزۈملىرىمىز ئۆزگەردى، ئەتىگەن 7:40 ئۆتكىچە مەكتەپكە چۇقۇم كىلىپ بۇلۇش كېرەك، بولمىسا 1 مىنۇت كىچىكسەك 1 يۈەن جەرىمانە تۆلىنىدۇ. ھەر كۈنى دىگۈدەك يىغىن، كەسپىي ئۆگىنىش ، سىياسىي ئۆگىنىش...توۋا، ئۇ ئارانلا 3 ئايلىق ۋاقىتلىق باشلىققۇ؟ مەكتەپ مۇدىرىمىز قايتىپ كەلسە ئۇ قانداق قىلار؟ قاتتىق ئاغىرىپ دوختۇرخانىدا يىتىپ قالارمۇ؟
مەنبە ؛ شامال تورى تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|




