![]() |
![]() |
5-يىللىق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت ئىمتىھان سوئالى ( 2011-2012ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۈم) 1-سوئال :بوش ئورۇننى تولدۇرۇڭ . (24نومۇر) 1)سەمىمىي بولۇش ــــ( )دېگەنلىكتۇر،لەۋزىدە تۇرۇش ( )دېگەنلىكتۇر. 2)ھەر بىر پىئونىر ( )نىڭ خوجايىنى.ئەتەرەتتە ھەممىسىنىڭ ( )ۋە ( )ھوقۇقى بار. 3)ۋەتىنىمىزنىڭ زېمىنى ( ).قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى( )كۇۋادرات كىلومېتىر.بولۇپ،دۇنيا بويىچە ( )ئورۇندا تۇرىدۇ. 4)دۆلىتىمىز ھازىر 34ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي ئورۇن تەسىس قىلدى.بۇ( )ئۆلكە،( )ئاپتونوم رايون،( )بىۋاستە قاراشلىق شەھەر،( )ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2-سوئال:توغرا –خاتالىقىغا ھۆكۈم قىلىڭ. (20نومۇر) 1)تەيۋەن ۋەتىنىمىزنىڭ ئايرىلماس تەركىبىي قىسمى بولۇپ،1999-يىلى ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەن.( ) 2)جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى جۇڭگودىكى ھەر مىللەت خەلقى بىرلىكتە ياراتقان.( ) 3)شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆلكە دەرىجىلىك مەمۇرىي رايون( ) 4)مەكتەپنىڭ ئىىشنى مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار قىلىدۇ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارىلىشىشىنىڭ ھاجىتى يوق( ) 3.سوئال :توغرا جاۋابنىڭ ھەرپ بەلگىسىنى تىرناق ئىچىگە تولدۇرۇڭ. (20نومۇر) 1)ئادەم سەمىمىي بولمىسا ،ئاخىرقى ھېسابتا ( ) Aباشقىلارنىڭ ماختىشىغا ئېرىشىدۇ B باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ C ئۆزى ۋە باشقىلارنى زىيانغا ئۇچرىتىدۇ. 2)مەسىلىلەرنى بايقىغاندا يۇقىرىغا ئىنكاس قىلىش( ) Aئۆزىنىڭ ھوقۇق –مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلغانلىق B چېقىمچىلىق قىلغانلىق C ئارتۇق ئىشقا ئارىلاشقانلىق 3)سۇ چېچىش بايرىمى ( )مىللىتىنىڭ يېڭى يىل بايرىمى . Aموڭغۇل B خەنزۇ C دەيزۇ 4)خەلق پۇلىدا ( )ئاز سانلىق مىللەتنىڭ يېزىقى بار . A 4 B 5 C 2 4-سوئال:بايان قىلىڭ .(تونۇشتۇرماقچى بولغان مىللەتنىڭ نوپۇسى،ئولتۇراقلاشقان ئورنى،ئىشلىتىغان تىل -يېزىقى،تارىخى،ئۆرپ –ئادىتى،ئاساسلىق بايراملىرى... قاتارلىقلارنى بايان قىلىڭ ) (20نومۇر) 1)ئۇيغۇر مىللىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ. 2)خەنزۇ مىللىتىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇپ بېقىڭ. 5.سوئال مۇلاھىزە قىلىڭ. (16نومۇر) تۇرسۇن مېۋە –چېۋە توپ تارقىتىش بازىرىدا تىجارەت قىلىدىغان باققال بولۇپ،بىر قېتىم مەلۇم بىر خېرىدارغا ئالما ساتقاندا ،سودىدا پۈتۈشكەن ئالمىنى سالماي ،سۈپىتى ناچارراق ئالمىدىن بىر نەچچە كىلوگرامنى يەشىككە ئارىلاشتۇرۇۋەتتى.ياندىكى ھەمراھلىرى ئۇنى ئەيبلىگەندە ،تۇرسۇن:‹‹يەشىككە قاچىلىغاندا، ئۇلار بولمىغاندىن كېيىن بىلەلمەيدۇ،مۇشۇنداق قىلمىساق قانداق باي بولغىلى بولىدۇ››دەپ جاۋاب بەردى.سىزنىڭچە تۇرسۇننىڭ دېگىنى توغرىمۇ؟ئەگەر توغرا بولمىسا تۇرسۇننىڭ بۇقىلمىشى كىملەرگە، قانداق زىيانلارنى كەلتۈرۈشى مۈمكىن؟ تەھىرلىگۇچى:يانتاق
|




