پەرزەنىت ساغلاملىقى ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىتپەرزەنىت پىسخىكىسى بالىلار ئويۇنلىرى بالىلار كۈيلىرى بالىلار كارتونلىرى
باش بەت

پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-17 21:43 مەنبەسى: بەشتاش مۇنبىرى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش زىۋىدە ئابدۇكېرىم جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئائىلە قۇرۇلمىسدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بو
تەلەي +1

پەرزەنت تەربىيسىدىكى يېڭى قاراش

 

                                                                            زىۋىدە ئابدۇكېرىم


    جەمئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ئائىلە قۇرۇلمىسدىمۇ بەلگىلىك ئۆزگىرىشلەر بولماقتا . بۇرۇنقى ئۆز دادا ، ئۆز ئانا ۋە بىر تۇغقان پەرزەنتلەردىن تەشكىل تاپقان ئائىلىلەرنى زور دەرىجىدە ئاساس قىلغان ئائىلىلەردىن ھازىرقى ئۆز ئانا ياكى ئۆز دادىسى بار ئائىلە ، ئۆگەي ئانا ياكى ئۆگەي دادىسى بار ئائىلە ، بالىسى يوق ئائىلە قاتارلىقلارمۇ جەمئىيىتىمىزدە بارغانسېرى كۆپ سالماقنى ئىگىلىمەكتە . تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇنداق ئائىلىلەرگە‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئىسم قويۇپ ، بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىلىرىدا مەسىلە كۆرۇلۇش ئېھتىماللىقىنى ئازايتىش ئۈچۈن ئامال بار ئاتا - ئانىلارنى ئاجرا شماسلىققا ئۇندىمەكتە .
    بىراق ، مە سىلىسى بار بالىلار تەتقىقاتى ‹‹مۇكەممەل ئائىلە›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەردىمۇ ئەگەر دائىم زوراۋانلىق كۆرۈلسە ، گەرچە ئائىلە مۇھىتى ۋە تەربىيىسىدە مەسىلە بولمىسمۇ ، ئوخشاشلا بالىلاردا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى .شۇڭا مەن بۇ ماقالەم ئارقىلىق ،‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەردىمۇ بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلىنسلا ، بۇنداق بالىلارنىڭ‹‹مۇكەممەل ئائىلە ›› لەردە ئۆسۈپ يېتىلگەن بالىلاردىنمۇ ساغلام ئۆ سۈپ يېتىلىدىغانلىقىنى شەرھلەپ ئۆتمەكچى .
    مەسىلىسى بار بالىلار دېگىنىمىز ، پسىخىكىلىق تەرەققىياتى ، ئەخلاقىي ساپاسى ۋە قىلمىش ئادەتلىرى ئادەتتىكى نورمال بالىلارنىڭ ئۆلچىمىگە يەتمەيدىغان بالىلارغا ، يەنى مۇشۇ جەھەتلەردە مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلارغا قارىتىلغان . ئۇنداقتا ، ‹‹مۇ كەممەل بولمىغان ئائىلە ›› دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىلەر پەرزەنت تەربىيىسىدە قايسى جەھەتلەرگەدىققەت قىلىشى كېرەك ؟
      1. ئالدى بىلەن پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارىشىنى ، بۇنداق ئائىلىلەرگە قويغان ئىسىمدىن تارتىپ ئۆزگەرتىش ،‹‹بۇنداق ئائىلىنىڭ بالىلىرىدا مەسىلە كۆرۈلىدۇ ›› دېگەن قاراشنى تۈگىتىش ، ئۆگەي ئانىلارنىڭ خەلق چۆچەكلىرىدىكى بەلگىلىنىپ قالغان ئوبرازىنى يوقىتىش كېرەك . ھازىر جەمئىيىتىمىزدە بۇنداق ئائىلىلەر مەۋجۇت ، ھەتتا كۆپىيىۋاتماقتا . شۇنداق ئىكەن ، بىز ئاتا - ئانىلار بالىلارنىڭ ساغلام ، مۇكەممەل چوڭ بولۇشىغا يول ئېچىپ ، ئامال بار جەمئىيەتتىكى مەسىلىسى بار بالىلارنى ئازلىتىشىمىز كېرەك .
    2. بالىلاردىكى مەسىلىنىڭ نېگىزى ئۇلارنىڭ ئاتا - ئانسىى بېرىشكە تېگىشلىك مۇھەببەتكە تولۇق ئېرىشەلمەسلىكىدە بولۇپ ، ھەرقانداق ئائىلە مەيلى ئاجراشقان ياكى بىرەر تەرەپ تۈگەپ كەتكەن ئائىلە بولسۇن ، ئۆزىنىڭ ئائىلە ئەھۋالىغا ئاساسەن ، بالىلار ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان مۇھەببەتكە خيانەت قىلماسلىقى كېرەك . ئاجرىشىپ كەتكەنلەر بولسا ، بالىنى ئالمىغان تەرەپ چوقۇم بالىغا كۆيۈنۈ شى ، بالىغا بولغان مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچمەسلىكى ، بالىنى ئالغان تەرەپمۇ شەخسىي ئۆچمەنلىكنى دەپ بالىنى قارشى تەرەپكە كۆرسەتمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
    3. ئاتا - ئانىلارنىڭ ئۆزىنىڭ پسىخىكىسى ساغلام بولۇشى كېرەك . پاسسىپ كەيپىيات يۇقۇملىنىدۇ . شۇڭا ئاتا - ئانىلار ئامال بار تۇرمۇشقا توغرا مۇئامىلە قىلىپ ، ئۆزىنىڭ پسخىكسىىنى تەڭشەپ ، پاسسىپ كەيپىياتىنىڭ بالىغا تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىشى ۋە بۇ سەۋەپلىك ئائىلە مۇھىتىنى نورمالسىزلاشتۇرۇپ قويىدىغاق ئىشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك .
    4. ‹‹بالىنى دەپ قايتا نىكاھلانمىدىم›› دېگەن سۆز مېنىڭچە توغرا ئەمەس . بالىنى دېسە چوقۇم قايتا نىكاھلىنىش كېرەك . پەرزەنت تەربىيىسىدە پەقەت قايتا نىكاھ مۇناسىۋىتىنى توغرا تونۇپ، شۇنىڭغا ماس ئۇسۇل قوللىنىشقا دىققەت قىلسىلا ، بۇمۇ بالىلارنىڭ ساغلام يېتىلىشىدە ئاكتىپ رول ئوينايدۇ .
    5. بالىلاردا ئۆزىگە بولغان ئىشەنچ تۇرغۇزۇش كېرەك . ئادەتتە ، بۇ خىل ئائىلىلەردىكى بالىلاردا ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش  پسىخىكىسى كۈچلۈك بولۇپ ،ئۇلار باشقا بالىلارغا قارىغاندا ئۆزىدە بىرەر نەرسە كەمدەك ھېس قىلىدۇ . شۇڭا ئامال بار ئۇلاردىك بۇ خىل تۇيغۇنى يوقىتىپ ، بالىغا ئىشەنچ ئاتا قىلىش، ھەرگىزمۇ ‹‹را ست ، بۇ بىزنىڭ ئاجىزلىقىمىز ›› دەپ ئۇلارنى ناتوغرا كەيبىيات ئىچىگە باشلاپ كىرمە سلىك كېرەك .
    ئومۇمەن ئېيتقاندا ، ‹‹مۇكەممەل بولمىغان ئائىلە ››دەپ ئاتىلىپ كېلىۋاتقان ئائىلىدىنمۇ ئىنتايىن ساغلام بالىلار تەربىيىلىنىپ چىقىۋاتىدۇ . ‹‹مە سلىسى بار بالىلار مۇشۇنداق ئائىلىدىن چىقىدۇ›› دەپ قاراش ھەرگىز توغرا ئەمەس . ناۋادا مۇشۇنداق ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئاتا  ئانىلار بولسا ، ھەرگىز ئۇمىدسىزلەنمەيلى ، پەقەت بالا تەربىيىلەش ئۇسۇلىغا دىققەت قىلساقلا ، پەرزەنتلىرىمىزنى يەنىلا ياخشى تەربىيىلەپ كېتەلەيمىز .
‹‹ شىنجاڭ ئاياللىرى›› ژورنىلىدىن ئېلىندى
 
تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر